شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 ئالاقىلىشىڭ  |  بىز ھەققىدە | 0903-20445550991-2888484  
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

ماركا بىلىملىرى

تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسسۇللىرى

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-10-25 چىكىلىشى :790 قېتىم


تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسسۇللىرى

تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىش دېگەن نېمە


تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىش دېگىنىمىز تاۋار ماركا ئىگىدارى رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنىڭ ۋاقتى توشۇپ ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاۋار ماركىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەرتىپى. مەشغۇلات ئاددىي بولۇپ، پەقەت بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئىلتىماس قىلىنسا، ھەق ۋاقتىدا تاپشۇرۇلسىلا ئۇزارتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.


مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ كىتابچە فورماتى


مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ كىتابچە فورماتى بولسا « تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماس جەدۋىلى »


تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىش قەرەلى


رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 10 يىل. ۋاقىت توشۇپ داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسا، ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇنقى 6 ئاي ئىچىدە مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى سۇنۇش كېرەك. بۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىمۇ ئىلتىماس قىلىنمىسا، يەنە 6 ئايلىق ئۇزارتىلما مۇددىتى ئىچىدە قىلىش كېرەك، بۇ ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئىلتىماس قىلىنمىسا، مۇددىتى توشقانلىق بىلەن تاۋار ماركا ئىدارىسى تاۋار ماركىنى ئۆچۈرۈۋېتىدۇ.


مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش يوللىرى

● ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش


1. تاپشۇرىدىغان ئىلتىماس ماتېرىياللىرى:

(1) « رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» .

(2) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تامغىسى ياكى ئىمزاسى قويۇلغان سۇبىكىتلىق سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى .

(3) «ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسى» .

(4) رويخەتكە ئىلىنغانلىق كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى .

(5) ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى باشقا تىلدا بولسا، تەرجىمە قىلغان ئورۇن ۋە ۋاكالەتچى ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلغان خەنزۇچە تەرجىمە ماتىريالىنىمۇ تەمىنلىشى كېرەك.


2. كونكرېت چۈشەندۈرۈلىشى


(1) ئىلتىماس جەدۋىلىنىڭ ئۈستدىكى تەلەپ بويىچە تولدۇرۇش، چوقۇم خەت ئۇرۇلغان ياكى بېسىپ چىقىرىلغان بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى تەبىئىي ئادەم بولسا، ئىسمىنىڭ كەينىگە كىملىك نومۇرىنى يېزىشى كېرەك.

(2) ھەر بىر ماركىغا بىردىن رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماس جەدۋىلىدىن بىر نۇسخىدىن تەييارلاش.

(3) تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ بېجىرگەنلەر، تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسىنىمۇ بىرگە تاپشۇرۇشى كېرەك.

(4) مۇددىتىنى ئۇزاتماقچى بولغان تاۋار ماركا ئورتاق تاۋار ماركا بولسا، ۋەكىل بولغۇچىنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلىنسا بولىدۇ.


● ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇش


تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا ھاۋالە قىلىپ بېجىرگەنلەر، مەسىلەن شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى. ئىلتىماسنى يەنىلا ۋاكالەتچى ئورۇنلار تاۋار ماركا ئىدارىسىگە يوللايدۇ.


تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا كېتەرلىك ھەقلەر


شىنجاڭ راۋان كارخانا مەسلىھەتچىلىكىدە تاۋار ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققى 2800 يۈەن، ئۇزارتىلغان ۋاقىت ئىچىدە يوللىسىڭىز 3300 يۈەن .


دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار


1. مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن، تاۋار ماركا ئىدارىسى مۇددىتى ئۇزارغانلىق ئىسپاتىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئەۋەتىدۇ، بىۋاسىتە بېجىرگەنلەرگە، ئىلتىماس جەدۋىلىدىكى ئادرېسقا تىز يوللانما ئارقىلىق يوللىنىدۇ؛ ۋاكالىتەن بىجرگۈزگەنلەرگە، ۋاكالەتچى ئورۇنغا سىلكىپ بىرىدۇ.

2. مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان بولسا، تاۋار ماركا ئىدارىسى « تەستىقلانماسلىق ئۇقتۇرۇشنامىسى» نى ئەۋەتىدۇ، بىۋاسىتە بېجىرگەنلەرگە، ئىلتىماس جەدۋىلىدىكى ئادرېسقا تىز يوللانما ئارقىلىق يوللىنىدۇ؛ ۋاكالىتەن بىجرگۈزگەنلەرگە، ۋاكالەتچى ئورۇنغا سىلكىپ بىرىدۇ.

3. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى ۋاكالەتچى ئورۇنغا ھاۋالە قىلىپ مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى سۇنغان بولسا، تاۋار ماركا ئىدارىسى بارلىق ماتېرىياللارنى ۋاكالەتچى ئورۇنغا ئەۋەتىپ بىرىدۇ.

4. ئىلتىماس جەدۋىلىنىڭ تۈرى« تاۋار ماركا رويخەتنامىسى» دىكى تەستىقلانغان خەلقئارالىق تۈرلەر بويىچە يېزىلىدۇ.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمگەك مىۋىڭىزنى ياخشى قوغداڭ، ئەگەر سىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە ئۇچرىغان مەسىلىلەر بولسا، شىنجاڭ راۋان كارخانا مەسلىھەتچىلىكىنى ئىزدىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.








كىيىنكى يازما : ئالدىنقى يازما :R ماركا بىلەن TM ماركىنىڭ پەرقى مۇشۇنداق ئاددىي !

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى