شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 ئالاقىلىشىڭ  |  بىز ھەققىدە | 0903-20445550991-2888484  
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

ماركا بىلىملىرى

R ماركا بىلەن TM ماركىنىڭ پەرقى مۇشۇنداق ئاددىي !

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-10-21 چىكىلىشى :915 قېتىم


R ماركا بىلەن TM ماركىنىڭ پەرقى مۇشۇنداق ئاددىي !


تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرىدىغان دوستلىرىمىزنىڭ ھەممىسى TM ماركا بىلەن R ماركىنىڭ پەرقىنى بىلىدۇ. بەلكىم سىزمۇ تولۇق بىلىدىغانسىز ياكى بەلكىم بىلمەيدىغانسىز. ھېچقىسى يوق، راۋان بۈگۈن سىزگە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ.

«TM» ماركا ۋە «R» ماركىنىڭ مەنىسى

بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە، TM نىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بولسا تاۋار ماركا ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنغان، ھەمدە تاۋار ماركا ئىدارىسىمۇ « قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» ئەۋەتكەن، بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ئوتتۇرىدا قايتىلاپ ئىلتىماس قىلىشىدىن ساقلانغىلى، ھەمدە باشقىلارغا تاۋار ماركىنىڭ ئالدىن ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغىلى بولىدۇ. چەمبەر ئىچىدىكى R بولسا « رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركا» بەلگىسى، بۇ تاۋار ماركىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاۋار ماركا ئىدارىسىدە رويخەتكە ئېلىنىپ بولغىنىنى بىلدۈرىدۇ. چەمبەر ئىچىدىكى R بولسا ئىنگلىزچە رويخەتكە ئىلىش دېگەن خەتنىڭ باش ھەرپى.

TM ماركا بىلەن R ماركىنىڭ پەرقى

تاۋار ماركا ھوقۇقدارى بولسا تاۋار ماركىنى يالغۇز ئىشلىتىش، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، باشقىلارنى يەكلەش، يالغۇز ئىگىلەش بولسا ئەڭ ياخشى ئالاھىدىلىكى. ھەرقانداق بىر كارخانا ياكى شەخس رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركا ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ ، ئىشلىتىش ھوقۇق بەرسە ياكى ئۆز ئالدىغا ئىشلەتسە، ئۇنداقتا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

TM بەلگىسىنى ئىشلىتىشنىڭ مەنىسى بولسا، TM قويۇلغان شۇ خەت، شەكىل ياكى بەلگىنىڭ تاۋار ماركا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇشى ناتايىن (رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىلار قانۇن بويىچە قوغدىلىلمايدۇ). TM بولسا ئىنگلىزچە trade mark نىڭ قىسقارتىلمىسى. TM ئىسىم تاۋار ماركا ئىسىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. TMباشقا دۆلەتلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ.

ئەكسىچە R بولسا REGISTERنىڭ قىسقارتىلمىسى، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركا قانۇنىغا ئاساسەن، رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنى، تاۋارغا، تاۋار ئورالما قېپىغا، چۈشەندۈرۈش كىتابىغا ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركا» ياكى رويخەتكە ئىلېنغانلىق بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ بەلگىلەرنى تاۋار ماركىنىڭ ئوڭ ئۈستۈنكى بۇرجىكىگە ياكى ئوڭ تۆۋەنكى بۇرجىكىگە قويسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىشلەتكەن بۇ شەكىل ياكى خەتنىڭ پەقەت تاۋار ماركا بولۇپلا قالماستىن بەلكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركا ئىكەنلىكىنى، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، رۇخسەتسىز ھەرقانداق بىر ئادەم ياكى تەشكىلاتنىڭ ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگىلى بولىدۇ.

قانداق قىلىپ تاۋار ماركىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Rبەلگىسىنى قويغىلى بولىدۇ؟

تاۋار ماركىنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى دەل R ۋە TM قويۇشنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم نەرسە. شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.




ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى