شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

خەۋەرلەر

تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا تۈرنى قانداق تاللايمىز؟

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-10-19 چىكىلىشى :208 قېتىم

تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا تۈرنى قانداق تاللايمىز؟

نۇرغۇن كارخانىلار تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، تۈر تاللاش ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدۇ. سىز بىر تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغىنىڭىزدا، مۇۋاپىق تۈر تاللاش، تاۋار ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوغداشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئەگەر كارخانىلار تىزدىن تەرەققىي قىلىشنى ئويلىسا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك. تاۋار ماركا تۈرىگە نىسبەتەن، تۆۋەندە بىز مۇناسىۋەتلىك تاللاش چارىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى!

قوشۇننى توغرا تاللاش ـــــ تاۋار ماركا رويخەتكە ئالىدىغان مەھسۇلاتنى ياكى مۇلازىمەت كەسپىنى مۇقىملاشتۇرۇش

ئەڭ ئاۋۋال، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تاۋىرىنىڭ(مۇلازىمىتىنىڭ) قايسى ساھەگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىز كىرەك، ئەگەر سىزنىڭ ئاشخانا ئاچقۇڭىز بولسا، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمەت كەسپىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ، ھەمدە 35-45 تۈرلەر ئارىسىدىن تاللاڭ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنى پەرقلەندۈرمەك ناھايىتى ئاسان، سىز ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان تاۋار ماركىنىڭ مەھسۇلاتمۇ ياكى مۇلازىمەتمۇ مۇشۇنى ئايرىۋالىسىز. « ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى پەرقلەندۈرۈش جەدۋىلى » گە قارايدىغان بولسىڭىز 1-34 تۈرگىچە مەھسۇلات تۈرى، 35-45 تۈرگىچە مۇلازىمەت تۈرى. ئەگەر كىيىم-كېچەك ساتماقچى، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا 1-34 كېچە بولغان تۈرلەر ئىچىدىن تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئۇنداقتا بىرىنچى قەدەم ئېنىق بولدى، تاۋار ماركىڭىزنىڭ تەۋەلىكىنى ئايرىۋالغاندىن كىيىن، قوشۇننى ياخشى تاللاڭ.

باشتىكى پىكىردە چىڭ تۇرۇش ــــ يادرولۇق تۈرنى مۇقىملاشتۇرۇپ بولۇپ كىچىك تۈرنى تاللاش

ئاۋۋال تاۋىرىڭىزنىڭ مەھسۇلاتمۇ ياكى مۇلازىمەتمۇ شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن، ئىلىش ئۇسسۇلى بويىچە، تاۋارنىڭ يادرولۇق تۈرىنى تاللاپ چىقىسىز. ئۇنداقتا يادرولۇق تۈرنى قانداق تاللايمىز؟ بۇ ناھايىتىمۇ ئاددىي، سىزنىڭ تاۋىرىڭىزغا ئەڭ ماس كېلىدىغان شۇ تۈر. يەنىلا ئاشخانا ئىچىشنى مىسال قىلساق، تۈر ئارىسىغا قارايمىز، ئاندىن ئاشخانىغا ماس كېلىدىغان 43-تۈرنى بېكىتىپ بولغاندىن كىيىن ، كىچىك تۈرلەرگە قارايمىز. 43-تۈرنىڭ ئىچىدە 4301 (ئاشخانا، ياتاق مۇلازىمىتى)، 4302 (ئۆي ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى)، 4303 (ياشانغانلار ساناتورىيەسى)، 4304 (يەسلى)، 4305 (ھايۋاناتلارغا ياتاق، تاماق تەمىنلەش)، 4306 (يەككە مۇلازىمەت). ھەر بىر كىچىك تۈرنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئاخىرىدا سىز 4301 (ئاشخانا، ياتاق مۇلازىمىتى) نى تاللايسىز. ھەر بىر چوڭ تۈرگە كىچىك 10 تۈر تاللىغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە ئارتۇق ھەق ئېلىنىدۇ. 4301 نىڭ ئىچىدىن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان كىچىك 10 تۈر تاللىسىڭىز بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ـــــــ تاۋارغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى تاللاش

بەلكىم ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بىر كىمنىڭ تاۋار ماركىسى باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىنىپتۇ دەپ. شۇنداق، ئەگەر سىزنىڭ تاۋار ماركا قوغداش ئېڭىڭىز بولمىسا، تاۋار ماركىڭىزنى باشقىلار رويخەتكە ئاغدۇرۋالىدۇ. شۇڭا بىر تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرغاندا، تاۋار ماركىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈرلىرىنىمۇ رويخەتكە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك، نۇرغۇن كارخانىلار ھەتتا 45 تۈرنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ ھەممىسىنى تاللىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئاشخانا ئىچىپ قالسىڭىز، سىز چوقۇم يادرولۇق تۈر 43 نى تاللىشىڭىز كېرەك. لېكىن مۇناسىۋەتلىك بولغان 35،9،16،21،25،29،30،31،32،33،40،41،44 قاتارلىق تۈرلەرنىمۇ قوشۇپ تاللىغىنىڭىز ئەۋزەل. مۇشۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىڭىزنى ئىشلىتىۋېلىشىدىن ساقلانغىلى، تاۋار ماركا ھوقۇقىڭىزنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە لىنىيەسى ــــــ تاۋار ماركىنىڭ رويخەتكە ئىلىنغان ياكى ئېلىنمىغىنىنى تەكشۈرۈش

بىز يۇقىرىدا تاۋار ماركىنىڭ تۈرىنى قانداق تاللاش توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلدۇق، لېكىن بۇ تۈر رويخەتكە ئىلىندىمۇ ئېلىنمىدىمۇ بۇ ھەممىمىزگە نامەلۇم. شۇڭا سىز تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتىن بۇرۇن، سىز مۇقىملاشتۇرغان تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئىلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ تەكشۈرىدىغىنىمىز بولسا تاۋار ماركا ئوخشاشلىقى، يېقىنلىقى قاتارلىق جەھەتتىكى مەسىلىلەر، شۇنداق بولغاندا تاۋار ماركىنىڭ رويخەتكە ئىلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىدە تاۋار ماركىنىڭ رويخەتكە ئىلىنىش نىسبىتى بازارنىڭكىدىن خىلىلا يۇقىرى.

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى