شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

خەۋەرلەر

تاۋار ماركىڭىزنى باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرىۋالسىمۇ بىلمەي يۈرەمسىز؟

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-09-20 چىكىلىشى :306 قېتىم

تاۋار ماركا نېمىشقا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىنىۋىلىنىدۇ

ھەممىمىز تاۋار ماركىنىڭ پەقەتلا كارخانا ماركا ئوبرازىنىڭ قۇرۇلۇشى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخى قىممىتىنىڭ ئېشىشى كارخانا ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ، بىر خىل شەكىلسىز بايلىق بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بەرگىلى، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويغىلى، ياكى رەنىگە قويۇپ قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تاۋار ماركىنىڭ بىر كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم بولغىنى ئۈچۈن، ناھايتىمۇ دىققەت قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بەزى ئادەملەر ياكى كارخانىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياخشى ماركىلارنى رويخەتكە ئىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىپ بارىدۇ. ئۇنداقتا تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا قانداق خەتەرلەر كۆرۈلىدۇ؟

تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندىن كىيىنكى خەتەرلەر

1 . تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندىن كىيىن، سىز رويخەتكە ئالالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش قانۇنىي دەۋاغا بېرىپ تاقىشىدۇ.

2.تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندىن كىيىن، تاۋار ماركا ئىشلىتىش ھوقۇقى شۇ كىشىگە تەۋە بولۇپ، سىز ئەسلىدىكى تاۋار ماركىڭىزنى ئىشلىتەلمەيسىز.

3.تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندىن كىيىن، ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى تاۋار ماركىڭىزغا نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان ئىلىپ كېلىدۇ.

4. تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندىن كىيىن، تاۋار ماركىڭىزنى قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.


تاۋار ماركا باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئىلىۋىلىنغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

1.دەسلەپكى قەدەمدىكى ئېلان قىلىشتا تاۋار ماركىغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ. تاۋار ماركا قانۇنىنىڭ 33 -ماددىسىدا «دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىلارغا نىسبەتەن، شۇ كۈندىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە، ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىچە پىكىر بەرسە بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر سىز تاۋار ماركىڭىزنى باشقىلار يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرماقچى دەپ قارىسىڭىز، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تاۋار ماركا ئىدارىسىگە باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى سۇنۇپ، تاۋار ماركىنى تەستىقلىماسلىقىنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.

2. رويخەتكە ئىلىنىپ بولغان تاۋار ماركىغا نىسبەتەن تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇرۇپپىسىغا پىكىر قويسا بولىدۇ. تاۋار ماركا قانۇنىنىڭ 43-ماددىسىدا «تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىنغان كۈندىن باشلاپ، 5 يىل ئىچىدە تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇرۇپپىسىغا تاۋار ماركىنى قايتۇرىۋېتىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.

تاۋار ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىۋېلىشىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك

ئۆزىڭىزنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، تاۋار ماركىڭىزنى ۋاقتىدا رويخەتكە ئاغدۇرۇۋېلىڭ. بىر تاۋار ماركا بىر تۈر ئىلتىماسى پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بەلگىلىك تونۇلغان تاۋار ماركىلار، شۇ تۈر ياكى ئوخشاشمايدىغان تۈرلەر بويىچە رويخەتكە ئېلىۋېلىشتىن ساقلىنىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق تاۋار ماركىڭىزنى قوغدىغىلى بولىدۇ. دۆلەتلىك تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى، ئېلان قىلىشلىرىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ، ئوخشىشىپ قالىدىغان تاۋار ماركىنى بايقىسىڭىز، ۋاقتىدا دۆلەتلىك تاۋار ماركا ئىدارىسىگە پىكىر بەرسىڭىز، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ياكى باشقىلار ئىلىۋالغاندا، تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا تەكشۈرۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، ھوقۇقىڭىزنى قوغدىسىڭىز بولىدۇ.

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.



ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى