شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 ئالاقىلىشىڭ  |  بىز ھەققىدە | 0903-20445550991-2888484  
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

ماركا بىلىملىرى

تاۋار ماركىنىڭ باھاسىنى چۈشەنمىسىڭىز، چوڭ زىيان تارتىسىز!

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-09-20 چىكىلىشى :521 قېتىم


تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش بولسا كارخانا ئوبرازى تۇرغۇزۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىرى ھەممە يەرگە تارقاپ بولدى، نۇرغۇن خېرىدارلار تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىشنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى چۈشەنمەي، باھا ۋە تەرتىپ جەھەتتە قارا ۋاكالەتچىلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇنداقتا سىزمۇ تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە ئۇچراپ باققانمۇ؟ تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش باھاسىنى تېخىچە ئېنىق بىلمەي يۈرەمسىز؟ تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئىشەنچىلىكمۇ؟ قانداق قىلىپ قارا ۋاكالەتچىلەرگە ئۇچراپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؟

ئا ئەپەندىمنىڭ كەسپىي خىزمەتلىرى بەك ئالدىراش بولغاچقا، جىددىي تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنى تېپىپ تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولدى. تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئاۋۋال ئا ئەپەندىمگە تاۋار ماركىنى تەكشۈرۈپ بەردى، ئا ئەپەندىم شۇنداق قىلىپ 2،5،40 بۇ ئۈچ تۈرگە ئالماقچى بولۇپ، ھەر بىر تۈر ئۈچۈن 1100 يۈەندىن 3300 يۈەن تاپشۇردى. تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئا ئەپەندىمگە ۋەدە بېرىپ يېرىم يىل ئىچىدە چوقۇم تاۋار ماركىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شۇ ئورۇندا تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرغان بىر مۇنچە خېرىدارلارنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرسەتتى. تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىشتا ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان ئا ئەپەندىم ئاۋۋال باھانىڭ باشقىلارنىڭكىدىن تۆۋەنلىكىنى ئاندىن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، جىق ئويلىمايلا پۇلنى تاپشۇردى، تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئا ئەپەندىمگە خاتىرجەم بولۇشىنى ئېيتىپ يولغا سالدى.

بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ئا ئەپەندىم تېلېفون قىلىپ تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنى سۈيلەشكە باشلىدى. تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئىلتىماسنىڭ قايتۇرۋىتىلگىننى، سەۋەبى بۇ تاۋار ماركىنىڭ باشقا تاۋار ماركىلار بىلەن ئوخشاشلىقىنىڭ بەكلا يۇقىرى بولۇپ قالغىنىنى، قايتىدىن ئىلتىماس سۇنىدىغىنىنى ئېيتىپ، يەنە بىر مۇنچە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى، بۇ ئىش ئا ئەپەندىمنى بەكلا بىئارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئا ئەپەندىم بۇ ئىشلارنى دوستىغا دېگەندىن كىيىن، دوستى بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشۈنۈپ يېتىپ، نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن، ئاخىرى شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىنى تېپىپ، كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت ئىلىپ، تاۋار ماركىنىڭ تۈپكى مەسىلىسىنى تېپىپ چىقىپ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. ئا ئەپەندىم كەسپىي خادىملارنىڭ تاۋار ماركىنى مۇلاھىزە قىلىشىنى، كەسپىي جاۋابلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، پۈتۈنلەي شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىگە ئىشەندى.

ئا ئەپەندىم ئاخىرى شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكىنىڭ ياردىمى بىلەن تاۋار ماركىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا رويخەتكە ئالدۇرۇدى. لېكىن ئا ئەپەندىمگە ئوخشاش تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىشقا، ھەق ئىلىش ئۆلچىمىگە نىسبەتەن ھېچقانداق چۈشەنچىسى يوق ئەھۋالدا، بىر تۈركۈم قارا ۋاكالەتچى ئورۇنلىرىغا ئىشىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىنمايلا قالماي، يەنە پۇل ۋە ۋاقىت ئىسراپ بولىدىغان گەپ. ئۇنداقتا قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ پۇل ئىلىش ئۆلچىمى قانداق؟

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى. ھەق ئىلىش ئۆلچىمى بولسا 1500 يۈەن.


ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى