شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

خەۋەرلەر

تاۋار ماركا باشقىچە پىكىرگە ئۇچرىغاندا...

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-09-08 چىكىلىشى :284 قېتىم

تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش مەزگىلىدە، تاۋار ماركىنىڭ دەسلەپكى تەستىقنى ئېلان قىلىش مۇددىتى بولۇپ ، 3 ئاي داۋاملىشىدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەزگىلدە باشقىلارنىڭ سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىزغا باشقىچە پىكىرى بولسا، بىز پەقەت مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق تاۋار ماركىنىڭ ئۆتۈش نىسبىتىنى يۇقىرىلىتالايمىز. ئۇنداقتا مۇنازىرىلىشىشنى تاللىغاندا، بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تاۋار ماركا باشقىچە پىكىز مۇنازىرىسى قىلىمىز؟

1. تاۋار ماركىڭىز باشقىچە پىكىرگە ئۇچرىغاندا ئەگەر سىز مۇنازىرلەشمىسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ تاۋار ماركا بىۋاسىتە باشقىچە پىكىر تەرتىپىگە كىرىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا تەستىقلاش خادىملىرى پىكىر بەرگۈچى تەمىنلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ھەممىمىزگە ئايان. پىكىر بەرگۈچىنىڭ تولۇق ئىسپاتى بولسىلا، تاۋار ماركا ئىناۋەتسىز دەپ قارىلىپ، تەستىقلانمايدۇ؛

2. تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر مۇنازىرىسى بولغاندا تاۋار ماركا قانۇنىغا ئاساسەن ئىلتىماس قىلغۇچىغا قانۇنىي ھوقۇق بېرىلىدۇ. مانا بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ باشقىچە پىكىر بەرگۈچىنىڭ پىكىرىنى قايتۇرۋىتىشىدىكى بىردىنبىر ئامال.

تاۋار ماركا باشقىچە پىكىرگە ئۇچرىغاندا تەييارلايدىغان ماتىرياللىرىچۇ؟

تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسى، مۇنازىرىلىشىش سەۋەبى، مۇنازىرىلىشىش ئۇقتۇرۇشى، مۇنازىرلەشكۈچىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىتىگە دائىر ئىسپات ھۆججەتلەر، ئۆز پىكىرىنى قوللايدىغان ئىسپات ماتېرىياللار.

تاۋار ماركا باشقىچە پىكىرگە ئىلتىماس قىلىش تەرتىپلىرىچۇ؟

1. باشقىچە پىكىر بېرىش: ئاۋۋال« تاۋار ماركا باشقىچە پىكىرنامىسى» نى تولدۇرۇش، پىكىر بېرىلگەن تاۋار ماركىنىڭ ئىسمىنى، تۈرىنى، دەسلەپكى قەدەم تەستىق نومۇرىنى، باشقىچە پىكىر بېرىش سەۋەبىنى ئېنىق يېزىش.

2. مۇنازىرىلىشىش ئۇقتۇرۇشى: تاۋار ماركا ئىدارىسى باشقىچە پىكىرنامىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىن، باشقىچە پىكىرنامىسىنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى باشقىچە پىكىرگە ئۇچرىغۇچىغا ئەۋەتىپ، قارشى تەرەپ تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنكى 30 كۈن ئىچىدە يازمىچە جاۋاب بىرىدۇ. قارشى تەرەپ قەرەللىك ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب بەرمىسە ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ھىساپلىنىلىپ، باشقىچە پىكىر تەرتىپىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

3. تولۇقلاش (چوقۇم باسىدىغان تەرتىپ ئەمەس): تاۋار ماركا ئىدارىسى باشقىچە پىكىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇلۋالغاندىن كىيىن ، ئەگەر ماتېرىياللار تولۇقلاشقا تېگىشلىك بولسا، پىكىر بەرگۈچىگە قويدۇرۇۋېتىپ، قەرەللىك ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاپ ئەۋەتىش ئۇقتۇرۇشى ئەۋەتىلىدۇ.

4. ھۆكۈم چىقىرىش: تاۋار ماركا ئىدارىسى باشقىچە پىكىر بەرگۈچى ۋە پىكىرلەنگۈچىىنىڭ بايانىغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ.

تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر مۇنازىرىسىدىكى ئەپچىل چارىلەرچۇ؟

1. «تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر مۇنازىرە ئۇقتۇرۇشى» نىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە ئۇقتۇرۇش سېلىنغان كونۋېرتنى ياخشى ساقلاش، ھەمدە باشقىچە پىكىر مۇنازىرىسىنىڭ ئاڭ ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن يوللاش؛

2. تولۇق بولغان ئىسپات ماتېرىياللارنى تەييارلاش، ئامال بار ئۈنۈملۈك ئىسپات ماتېرىياللارنى يىغىش ئارقىلىق مۇنازىرىدە يېڭىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش.

3. ئىلمىي بولغان مۇنازىرە تاكتىكىسىنى تۈزۈپ چىقىش.

تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر مۇنازىرىسىنىڭ نەتىجىسىچۇ؟

1. تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر سەۋەبى ئۇيغۇن بولمىسا، تۇنجى قېتىملىق تەستىقلاشتا تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىنىش داۋاملىشىدۇ؛

2. تاۋار ماركا باشقىچە پىكىر سەۋەبى تولۇق بولۇپ ، ئۇيغۇنبولسا، ئەسلىدىكى دەسلەپ قەدەم تەستىقلاشتا تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛

3. ئەگەر ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسى ھۆكۈمگە قايىل بولمىسا، باشقىچە پىكىر ھۆكۈم ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كىيىنكى 15 كۈن ئىچىدە تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش گۇرۇپپىسى خادىملىرىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى