شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

خەۋەرلەر

تاۋار ماركىنىڭ قايتۇرۋىتىلىشىدىكى 5 چوڭ سەۋەب

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-09-02 چىكىلىشى :274 قېتىم

نۇرغۇن ئادەملەر تاۋار ماركا چوڭقۇر دېڭىزغا ئوخشايدۇ، ھەممە يەردە مىنا بار دىيىشىدۇ. مىڭ تەسلىكتە تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىپ ، ئەمدىغۇ ھەممە ئىشلار پۈتكەندۇ دەپ ئويلايسىز! لېكىن بۇنداق ئەمەس ، تاۋار ماركىغا ئىگە بولغىنىڭىز بىلەن سىزنىڭ بولماسلىقى مۇمكىن، تۆۋەندە تاۋار ماركىنىڭ قانداق ئەھۋال ئاستىدا قايتىپ كېلىدىغىنى كۆرۈپ باقايلى!

1. ئۈچ يىل ئۇدا ئىشلەتمەسلىك

بۇ دەل بىزنىڭ دائىم دەيدىغان:«تاۋار ماركا ئۈچتە قايتىش». دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋار ماركا قانۇنى» دا، تاۋار ماركىنى ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ ئۈچ يىل ئىشلەتمىسە، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ تاۋار ماركا ئىدارىسىگە بۇ تاۋار ماركىنى قايتۇرۋېتىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقوقى بار دەپ بەلگىلىگەن.

2. مۇددىتى توشۇپ ۋاقتىنى ئۇزارتماسلىق

«ئۈچتە قايتۇرۋېتىش» مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن، سىز تاۋار ماركىنىڭ بارلىق ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولىسىز. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىز ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىسىڭىز، ئەرز قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە تاۋار ماركا ئىدارىسىگە ئۈنۈملۈك تاۋار ماركا ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشىڭىز، ياكى تاۋار ماركىنى ئىشلەتمىگەنلىكىڭىزنىڭ «ئورۇنلۇق سەۋەبى»نى تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك.

قېتىقنىڭ ۋاقتى ئۆتسە سىز يەنە ئىچەمسىز؟ نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغان تاماقنى يەمسىز؟ ئوخشاشلا قائىدە، تاۋار ماركىنىڭمۇ ساقلاش مۇددىتى بولىدۇ، تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىنغاندىن كىيىن، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى 10 يىل، مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ!

مانا بۇ تاۋار ماركىنىڭ ئون يىلدىن كىيىن ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا چېتىلىدۇ.«تاۋار ماركا قانۇنى» دا، تاۋار ماركىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 10يىل، ۋاقىت توشقاندىن كىيىن يەنە ئۇزارتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئاي ئىچىدە داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە ئىلتىماس قىلىنمىسا، 6 ئاي قەرەلى ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ. بۇ ۋاقىت ئىچىدىمۇ ئىلتىماس قىلىنمىسا، تاۋار ماركا ئۆچۈرۈلىدۇ.

3. «تاۋار ماركا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش

«تاۋار ماركا قانۇنى» دا ئېنىق قىلىپ داڭلىق تاۋار ماركىلارنى دوراش، يامان نىيەتتە تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرى بەلگىلەنگەن. مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغان تاۋار ماركىلارغا نىسبەتەن، تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىنىپ 5 يىل ئىچىدە، ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى پايدا زىيان مۇناسىۋىتىدىكى ئادەمنىڭ تاۋار ماركا تەستىقلاش گۇرۇپپىسىدىن ئۇشبۇ تاۋار ماركىنى ئىناۋەتسىز دەپ ئېلان قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. داڭلىق تاۋار ماركا ئىگىلىرى 5 يىللىق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەرقانداق ۋاقىتتا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

4. تاۋار ماركا ئورتاق نام بولۇپ قالسا

«ئاسپىلىن» نى تىلغا ئالساق سىزنىڭچە بۇ تاۋار ماركىمۇ؟ جاۋابى ئېنىقلا ئۇنداق ئەمەس.

ئەينى ۋاقىتتا، گېرمانىيە بايېر شىركىتى مۇشۇ تاۋار ماركا ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ چىقارغان، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئاسپىلىنى قىزىتمىنى تۆۋەنلىتىپ ئاغرىق توختىدىغان دورا دەپ بىلىدۇ. بۇ ئىسىم دورىنىڭ ئورتاق ئىسمى بولغاچقا، بايېر بۇ تاۋار ماركا ئوبرازىنى تۇرغۇزالمىغان!

5. خالىغانچە رويخەتكە ئىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىش

چۇڭچىڭدىكى مەلۇم بىر شىركەت تاۋار ماركىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلالمىغان، سەۋەبى بولسا بۇ شىركەت 3 يىل بۇرۇن ئىشخانا ئورنىنى ئۆزگەرتكەن، ئەمما تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش كىنىشكىسىدىكى ئادرېسنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ تاۋار ماركىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىپ ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، تاۋار ماركىنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆزىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، يەنە تېخى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكىنى بايقىغان... يەنە تېخى ئەگەر قايتىدىن ئىلتىماس قىلسا ئالدىن ئىلتىماس قىلىۋېلىش، بازارنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشكە ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىدى!!

«تاۋار ماركا قانۇنى» دا: رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنىڭ ئىسمى، ئادرېسى ياكى باشقا تۈرلەرنى ئۆزگەرتىش توغرا كەلسە، چوقۇم تاۋار ماركا ئىدارىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ھەممە ئادەم تاۋار ماركا بېجىرىش بەكلا تەس ئىش دېيىشىدۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن يەنە تېخى ئويلىمىغان بىر مۇنچە ئىشلارغا ئۇچرايدىكەنسىز! تاۋار ماركا ئوبرازىنى يارىتىش مانا مۇشۇنداق، ھەرگىزمۇ بىخەستىلىك قىلىپ كارخانا تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشكە بولمايدۇ! تىزدىن تاۋار ماركىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ!

شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن خوتەن راۋان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتى بولسا دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى.





ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى