شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 ئالاقىلىشىڭ  |  بىز ھەققىدە | 0903-20445550991-2888484  
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

ماركا بىلىملىرى

بىر پارچە رەسىم بىلەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىشنى چۈشىنىش!

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-09-01 چىكىلىشى :650 قېتىم

تەبىئىي ئادەم، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت پائالىيىتى جەريانىدا، تاۋار ياكى مۇلازىمەت تاۋار ماركسىغا ئىشلىتىش ھوقۇقى ئېلىشى، تاۋار ماركا ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. تار مەنىدىكى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش بولسا تاۋار ۋە مۇلازىمەت ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، تاۋار ماركىنى خەلقئارالىق رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئىسپات تاۋار ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، كوللېكتىپ تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش، ئالاھىدە بەلگىلەرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش تار مەنىدىكى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە ئۆزگەرتىش، داۋاملىق ئىشلىتىش، رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى، باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى، ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىش، تاۋار ماركىنى ئەنگە ئېلىش، ۋە باشقا تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

دۆلەت ئىچىدە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ئىككى خىل يولى بار: بىرىنچى، ئۆزى يەنى ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاسىتە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش؛ ئىككىنچى، قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ بېجىرىش. ئىككى خىل يولىنىڭ ئاساسلىق پەرقى ئالاقىلىشىش شەكلى، كىتاب ۋە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئالاقىلىشىش شەكلى جەھەتتە، بىۋاسىتە تاۋار ماركا ئىدارىسىگە بېرىپ بېجىرىش جەريانىدا ئىلتىماس قىلغۇچى ۋە تاۋار ماركا ئىدارىسى بىۋاسىتە ئالاقە ئورنىتىدۇ؛ ھاۋالە قىلغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بېجىرىش جەريانىدا ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ئارقىلىق تاۋار ماركا ئىدارىسى ئارقىلىق ئالاقە باغلايدۇ، بىۋاسىتە تاۋار ماركا ئىدارىسى بىلەن ئالاقە ئورنىتالمايدۇ. كىتاب ماتېرىياللارنى تەييارلاش جەھەتتە، ئىلتىماس قىلغۇچى بىۋاسىتە تاۋار ماركا ئىدارىسىگە بېرىپ تاپشۇرىدىغان كىتاب ماتېرىياللاردىن سىرت، بېجىرگۈچى كىشى ئۆزىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى تاپشۇرۇشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى بېجىرگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىتاب ماتېرىياللاردىن باشقا، تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش ھوقۇقىنى بېرىش ھاۋالىنامىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ماتېرىيال تاپشۇرۇش شەكلى جەھەتتە، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى بېجىرگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى بېجىرگۈچى كىشى تاۋار ئىلتىماس قىلىش ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىدىكى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ؛ ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى بىۋاسىتە تاپشۇرۇش، پوچتا ئارقىلىق ياكى تېز يەتكۈزۈش كارخانىسى ئارقىلىق تاۋار ماركا ئىدارىسىگە تاپشۇرسىمۇ، توردا ئىلتىماس قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ .

تۆۋەندە بىر پارچە رەسىم، سىزگە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان بارلىق تەرتىپلەرنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بىرىدۇ:

ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى