شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555

خەۋەرلەر

سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىرى

يوللىغۇچى : راۋان يوللانغان ۋاقتى :2016-08-11 چىكىلىشى :272 قېتىم

سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكىرى

ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزىلىدىغان شەھەر، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى:

گوۋۇيۈەننىڭ ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى قويۇۋېتىش، باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ياخشىلاش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى، ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇرغۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى سودا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، زور كۈچ بىلەن، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.

1.ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق پىكىر يولى:

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 18 - نۆۋەتلىك ئىككىنچى، ئۈچىنچى, تۆتىنچى، بەشىنچى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تاۋار ماركا داڭلىق ماركا ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇشتا مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېتەكچى، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ياخشىلاش، تاۋار ماركا تەستىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركا ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىش ئىلتىماسىغا قولايلىق يارىتىپ، تاۋار ماركا تەستىقلاش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تاۋار ماركا جامائەت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ ، تاۋار ماركا يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تاۋار ماركا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

2. تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىپ بېرىش.

(1) يەرلىكتە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا ھاۋالە قىلىش. يەرلىك سودا - سانائەت ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى زالى ياكى رويخەتكە ئىلىش زالى بېكىتكەن تاۋار ماركا قوبۇل قىلىش ئورنى، ۋاكالىتەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىش. 2016 - يىلى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يائەن ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيجۇ قاتارلىق جايلاردا سىناق نۇقتىسى قانات يايدۇرۇلۇپ، سىناق نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن پەيدىن - پەي كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى.

(2) بېيجىڭدىن باشقا جايلاردا تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى تەسىس قىلىش. رايون ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش كۆلىمىنى ئاساس قىلىپ، بېيجىڭدىن باشقا جايلاردا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى سىناق نۇقتىسىدا خىزمەت قىلىشنى قانات يايدۇردى . تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلغان ، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشكە مەسئۇل بولىدۇ . 2016 - يىلدىن باشلاپ سىناق نۇقتىسى، سىناق نۇقتىنىڭ ئەھۋالى ۋە كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇۋاپىق كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى.

(3) يەرلىكتە رويخەتكە ئالدۇرىدىغان تاۋار ماركا گۆرۈ ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئەستايىدىللىق بىلەن يەرلىكتىكى تاۋار ماركا رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەجرىبىسىنى يەكۈنلەپ، مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلغان 26 رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركا گۆرۈ ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىغا بولغان كەسپىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش. 2017 - يىلىدىن باشلاپ ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پەيدىنپەي رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركا گۆرۈ ھوقۇقىنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىنى كۆپەيتىش.

(4) توردا ئىلتىماس قىلىشنى كېڭەيتىش. تور ئىلتىماسىنى پەقەت تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغىچە كېڭەيتىش؛ تور ئىلتىماسنىلا قوبۇل قىلىشتىن بارا-بارا تاۋار ماركا مۇددىتىنى ئۇزارتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، ئۆچۈرۈۋېتىش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق تاۋار ماركا كەسپىنى ئىلتىماس قىلىشقىچە كېڭەيتىش. 2017 - يىلدىن باشلاپ، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا، تور ئارقىلىق، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى تاۋار ماركا قوبۇل قىلىش ئورنى ياكى تاۋار ماركا ئىدارىسىنڭ رويخەتكە ئىلىش زالىغا بېرىپ بېجىرسە بولىدۇ.

3. رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ، تەرتىپنى ياخشىلاش، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش.

(5) تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، ئىچكى تەرتىپنى تەڭشەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تارقىتىش ۋاقتىنى ئالتە ئاي ئەتراپىدىن 3 ئايغا قىسقارتىش. بىر قىسىم تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ماتېرىيالى ۋە رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش. تاۋار ماركا كىتاب شەكلى ۋە ئىخچاملاشقان تاۋار ماركا ھۆججەت شەكلىنى تازىلاش. رويخەتكە ئىلىنغان تاۋار ماركىنىڭ كىيىنكى كەسىپلىرىگە تىز سۈرئەتتە تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان يول ئىچىش.

(6) تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ئىسپاتى چىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش. تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تەكشۈرۈش، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار، تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ھالىتىنى تەكشۈرگەندە سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن تەكشۈرەلەيدىغان بولۇش. ھەقىقەتەن تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىنغان يازما ئىسپاتى زۆرۈر بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركا ئارخىپىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا «تاۋار ماركا رويخەتكە ئىلىنغانلىق ئىسپات مەخسۇس تامغىسى» نى بېسىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بېجىرىش، ئەمدى قايتىدىن «تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ئىسپاتى» نى چىقارماسلىق. كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش زالىدا بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلغاننى نەق مەيداندا بېجىرىش؛ پوچتا يوللانما ئىلتىماسىنى، تاۋار ماركا ئىدارىسى 5 خىزمەت كۈنى ئىچىدە بېجىرىپ بولۇپ ئەۋەتىش. مادرىد خەلقئارا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ئىسپاتىنىڭ بېجىرىش ئۇسۇلى ئۆزگەرمەيدۇ.

(7) تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش. تاۋار ماركا ھۆججەت قوبۇل قىلىش تارقىتىش ئۇسسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ۋە ئېلېكتىرون يەتكۈزۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تاۋار ماركا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئېچىۋېتىپ، يەرلىك سودا - سانائەت، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنى تاۋار ماركا سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى ئىشلىتىشكە يېتەكلەپ، تاۋار ماركا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىچكى قىسىمدا ئىشخانا سۇپىسى، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سۇپىسى «ئىككى سۇپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ تاۋار ماركا تورى مۇلازىمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، توردا تەكشۈرۈش، توردا ئىلتىماس قىلىش، توردا ئېلان قىلىش سىستېمىسىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش.

(8) تاۋار ماركا كۆزنەك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك . تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش زالىدىكى كۆزنەك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشىلاپ ، مۇلازىمەت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تاۋار ماركا مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش. قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان تاۋار ماركا مۇلازىمەت تۈرى تىزىملىكى ۋە ھەر خىل تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش شەكلى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئېنىق كۆرسەتمە بېرىش. تاۋار ماركا قوبۇل قىلىش ئورنى قاتارلىق تاۋار ماركا مۇلازىمەت كۆزنىكىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش.

4. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش.

(9) تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنىڭ بىر قىسىمىنى ھاۋالە قىلىش، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك خىزمەتنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا ھۆددىگە بېرىش. « سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر »گە ( سودا - سانائەت (2014) 73 - نومۇرلۇق ) ئېنىق بولغان ئىسلاھات ئىشلىرى تەرتىپكە سېلىندى، تېخى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىگىنى، 2016 - يىل ئىچىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇشۇ ئاساستا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈلمىسى مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش.

(10) ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى پائال يولغا قويۇش. تاۋار ماركا ئىدارىسى خەلقئارالىق تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىش ۋە تاۋار ماركا باشقىچە پىكىرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى يولغا قويۇش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى 2016 - يىلىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش نىسبىتى % 70 تىن ئارتۇق كېڭەيتىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن 9 ئاي مۇددەت ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش .

(11) تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كۈچىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ بېرىش كېرەك. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمەت مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، تاۋار ماركا باھالاش كۈچىگە ئاساسەن، ماس قەدەملىك تاۋار ماركا ئىدارىسى، تاۋار ماركا باھالاش كومىتېتىنىڭ « ئۈچنى بېكىتىش » لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش مىقدار ئۆزگىرىشىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمى ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمغا جانلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

(12) سۈپەت باشقۇرۇش نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تاۋار ماركا باھالاش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتىنى مۇۋاپىق بېكىتىش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى «ئۈچ تاسادىپىي ۋە بىر ئاشكارىلاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىش، يەنى تاۋار ماركا كەسپىگە تاسادىپىي ئېرىشىش، تاسادىپىي تەكشۈرۈپ ئىمزا قويۇش، ئىختىيارىي نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈش، ھەمدە كەسپىي ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلاش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مەسلىھەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور، چىگىچ دېلولارغا نىسبەتەن، تاۋار ماركا ئىدارىسى باش بولۇپ كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ كېڭىشىش، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۈپىتىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرۈش.

(13) تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان خىراجىتىنى ھېسابلاش ۋە ئاجرىتىپ بېرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تاماملاشقا كېتەرلىك راسخوتقا، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش شەكلىنى قوللىنىپ، بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەننەرخى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مىقدارىنى ئاساس قىلىپ كاپالەتلىك قىلىش. خىراجەتنى ئالدىن بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتى بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

5. تاۋار ماركا ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركا ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش.

(14) تاۋار ماركا ئىناۋىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. چوڭ سانلىق مەلۇمات ، بۇلۇتسىمان ھېسابلاش قاتارلىق ئۇچۇرلاشقان ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ تاۋار ماركا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش. ماركا ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزىدىغان، يامان نىيەتتە ئالدىن تىزىملىتىۋېلىنغان، قانۇنغا خىلاپ بولغان تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك قىلمىشى قىلغان، قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كىرېدىت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا تاۋار ماركا جەمئىيىتىنىڭ تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ساھەسىنىڭ تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللاش كېرەك.

(15) تاۋار ماركا ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش. تاۋار ماركا ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش سىناق نۇقتىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ خىزمەت قىلىپ، كەسىپ ۋە رايون تاۋار ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. دۆلەت قاتلىمىدىن تاۋار ماركا باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو تاۋار ماركىسى، داڭلىق ماركا تىزىملىكى ۋە يېتەكلەپ، قوللاپ، 3 - تەرەپنىڭ « جۇڭگو تاۋار ماركا تىزىملىكى» ۋە « جۇڭگو داڭلىق ماركا تەرەققىيات دوكلاتى» نى ئېلان قىلىشنى قوللاپ يېتەكلەش. دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «جۇڭگو تاۋار ماركا ئالتۇن مۇكاپاتى» نى باھالاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇش. جۇڭگو خەلقئارا تاۋار ماركا بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش كېرەك.

(16) جايلارنىڭ بازارنى بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئاستىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ ئىجرا قىلىش سىناق نۇقتىسىدىكى خىزمىتىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر قايسى جايلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ ئىجرا قىلىش ئىسلاھات ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا بىر تۇتاش بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئاستىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ ئىجرا قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە مېتودىنى يەكۈنلەپ، يەرلىكنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا بىر تۇتاش بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رامكىسى ئاستىدا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇپ ئىجرا قىلىش سىناق نۇقتىسىنى قانات يايدۇرۇش.

6. كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى

(17) تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش. باش ئىدارىدە يولداش ليۇتىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، يولداش ما جېڭچى، يولداش لىيۇجۈنچىن مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى، كەسپىي خىزمەتلەرگە ئاساسەن، بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، تەشكىلىي كومىتېت ئىش بېجىرىش زالى، ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسى، قانۇن مەھكىمىسى، كادىرلار مەھكىمىسى، تاۋار ماركا ئىدارىسى، تاۋار ماركا باھالاش كومىتېتى، ئىقتىساد ئۇچۇر مەركىزى، تەشۋىقات مەركىزى، جۇڭخۇا تاۋار ماركا جەمئىيىتى، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار خىزمەتنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

(18) راسخوت كاپالىتىنى كۈچەيتىش. تاۋار ماركا كەسپىي خىراجىتى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئاسراش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىش يەككە تەننەرخى ۋە يىللىق ئىلتىماس قىلىش مىقدارىنڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى ۋە تاۋار ماركا قوبۇل قىلىش ئورنىنىڭ ئوڭۇشلۇق تىجارەت قىلىش كاپالەت خىراجىتىنىڭ دەل ئورنىغا بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش. تاۋار ماركا ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش.

(19) ئۇچۇرلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىش. مۇكەممەل بولغان تاۋار ماركا ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمەت ئاپپاراتى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئىقتىساد ئۇچۇر مەركىزى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى، تېخنىكا ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تاۋار ماركا ئىدارىسى، تاۋار ماركا باھالاش كومىتېتى، تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەمكارلىق مەركىزى مەخسۇس ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش خادىملىرى سەپلەشنى كۈچەيتىش. تاۋار ماركا ئۇچۇرلاشقان سىستېما دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇرلاشقان بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تاۋار ماركىنى باشقا جايدا بېجىرىش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھۆججەت تارقىتىش، كىنىشكا تارقىتىش قاتارلىق بالا سىستېمىلارنى قۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تاۋار ماركا ئىزدەپ تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تاۋار ماركا ئاپتوماتلاشتۇرۇش سىستېمىسى بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

(20) ئىختىساسلىقلارنى كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى كۈچەيتىش. تاۋار ماركا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قوشۇنىنى كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەكشۈرۈش باھالاش خادىملىرىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ، تاۋار ماركا ياردەمچىلىرىنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش. كادىرلار پىكىر ئالماشتۇرۇش، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، سىياسىيدا كۈچلۈك ، كەسپىگە ماھىر، ئىستىلى توغرا يۇقىرى ساپالىق تاۋار ماركا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

(21) تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىش. توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل تاراتقۇ ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىيەتنى تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى قوللاشقا يېتەكلەش، ئىسلاھات ئۈچۈن ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش كېرەك.

(22) قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىش. تاۋار ماركا رويخەتكە ئېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش ئىسلاھات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاكتىپلىق بىلەن « تاۋار ماركا قانۇنى » قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى تۈزىتىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، باش ئىدارىنىڭ قائىدە-تۈزۈم، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى«قۇرۇش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش» خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھاتقا ماس كەلمەيۋاتقان بەلگىلىمىلەرنى بىكار قىلىش، ئىسلاھاتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ باش ئىدارە قائىدىسىگە ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.




ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى

تېلىفۇن : 0991-2888484
تېلىفۇن : 0903-2044555
تور ئادىرسىمىز :www.xjuytm.com
ئادىرىسى :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​
ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى