شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتى
 ئالاقىلىشىڭ  |  بىز ھەققىدە | 0903-20445550991-2888484  
 
ياردەمچى 01
ياردەمچى 02 ياردەمچى 03
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2888484
مۇلازىمەت تېلفۇنى
0903-2044555
باشبەت >> شىركەت ھەققىدە

شىركەت ھەققىدە

شىركىتىمىز 2012-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلۇپ تىجارەت باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە كۈنسېرى تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرى كىيىن بولۇپ «دۆلەت تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى»، «ئىقتىساد ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئورنى»، «مالىيە ئىدارىسىنىڭ مالىيە بوغالتىرلىق ۋاكالەتچىلىك ئورنى»، «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى كارخانا باشقۇرغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئورۇن» قاتارلىق ئىجازەتنامىلەرگە ئېرىشىپ، كەڭ كارخانىچىلار، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يەككە تىجارەتچىلەرنى ئەڭ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھۆكۈمەت ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش نەتىجىسىدە 2014-يىلى 7-ئايدا «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئوتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپكە ئىرىشتى.

شىركىتىمىز 2016-يىلغا كەلگەندە تاۋار ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش، شىركەت رەسمىيىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، مالىيە بوغالتىرلىق تۈر مەبلەغ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىكى، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى ۋە خادىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرىنى پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭەيتىپ، باش شىركەت ۋە تارماق شىركەتلەردىكى خادىم سانىنى 50 نەپەرگە يەتكۈزۈپ، كەسىپلەشكەن مۇنتىزىم شىركەت بولۇپ شەكىللەندى.


ئادىرسىمىز :ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى 355-نومۇر (ئاقتاش گۈللۈكى) B بىنا 10-قەۋەت 1005-ئىشخانا ​ 新ICP备15020423号
0991-2888484 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى 0903-2044555 : ئالاقىلىشىش تېلېفونى